ئامېرىكا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى ئۈچۈن 1.2 مىليارد دوللار چىقىم قىلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى ئۆكتەبىر ئېيىدا تەييار بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى ئۈچۈن مەركىزى ئەنگلىيەدىكى دورا شىركىتى «AstraZeneca PLC» گە 1.2 مىليارد دوللار بېرىدۇ.

1421698
ئامېرىكا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى ئۈچۈن 1.2 مىليارد دوللار چىقىم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە تارقىتىدىغان دورا شىركىتى «AstraZeneca PLC» ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، كېلىشىم دائىرىسىدە، ئامېرىكانىڭ بۇ شىركەتكە 1 مىليارد 200 مىليون دوللار تۆلىشى ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە، ۋاكسىنا سىنىقىنىڭ ئالدى بىلەن ئامېرىكددىكى 30 مىڭ ئادەمدە ئېلىپ بېرىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ كەم دېگەندە 300 مىليونغا يەتكۈزۈلۈشى قارارلاشتۇرۇلغان.

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىردىن كۆپ ۋاكسىنا مودېلى بار بولۇپ، نۆۋەتتە كىشىلەردە سىناق قىلىنماقتا ئىكەن. ئەگەر ئۈنۈملۈك بولسا، تۇنجى ۋاكسىنا كۈزدە تەييار بولىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خەلقئارا دورا ياساش شىركەتلىرى  « Moderna» ۋە « Johnson&Johnson» بىلەن 939 مىليون دوللارلىق كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق، تۇنجى قېتىم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلىگەن دۆلەت بولۇشنى نىشان قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر