دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: بۇ يۇقۇم بىلەن بىرلىكتە باسىدىغان تېخى ئۇزۇن يول بار

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، «بۇ يۇقۇم بىلەن بىرلىكتە باسىدىغان تېخى ئۇزۇن يول بار» دېدى.

1420869
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: بۇ يۇقۇم بىلەن بىرلىكتە باسىدىغان تېخى ئۇزۇن يول بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

يېقىنقى كۈنلەردە دۇنيا مىقياسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان گېبرېيۇس، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 106 مىڭ يېڭى يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالغانلىقى دوكلات قىلىندى. بۇ، يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيانقى بىر كۈن ئىچىدە كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى سان. بۇ يۇقۇم بىلەن بىرلىكتە باسىدىغان تېخى ئۇزۇن يول بار» دېدى.

ئۇ، مەزكۇر يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا دائىر دوكلاتنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئۈچتىن ئىككىسىنىڭ 4 دۆلەتتىن مەلۇم قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر