پىرېزىدېنت ترامپ راتكلىفنى DNI نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دۆلەت ئىستىخبارات دىرېكتورى(DNI) نامزاتى جون راتكلىفنى تەستىقلىدى.

1420600
پىرېزىدېنت ترامپ راتكلىفنى DNI نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا تېكساس ئىشتاتىنىڭ ۋەكىلى بولغان راتكلىفنىڭ دۆلەت ئىستىخبارات دىرېكتورى بولۇشى ئۈچۈن، تۈنۈگۈن (2020-يىلى 19-ماي) كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىستىخبارات كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلدى. كومىتېتنىڭ سەككىز جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى قوللىدى، يەتتە دېموكرات ئەزاسى رەت قىلدى.

راتكلىف كېيىنكى كۈنلەردە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بېلەت تاشلاشتا تەستىقلانغان ئەھۋالدا ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر