ئىران ئامېرىكانى ب د ت غا شىكايەت قىلدى

ئىران ۋېنېسۇئېلانىڭ نېفىت تىرانسپورتىغا توسالغۇ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شىكايەت قىلدى.

1419323
ئىران ئامېرىكانى ب د ت غا شىكايەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشقا بۇ ھەقتە يازغان مەكتۇبىدا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قانۇنسىز، خەۋپلىك ۋە ئىغۋاگەرلىك تۈسىنى ئالغان تەھدىتلىرى، خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە خىرىس قىلىۋاتقان بىر خىل قاراقچىلىقتۇر. ئامېرىكا دۇنيادا كۈچ ئىشلىتىشنى تەرك ئېتىشى ۋە خەلقئارا قانۇنغا، بولۇپمۇ ئوچۇق دېڭىزلاردا تىرانسپورت ئەركىنلىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. دۆلىتىمىز ئامېرىكانىڭ بۇنداق تەھدىتلىرىگە قارشى تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئويناش بىلەن بىلىنىدىغان شىۋېتسارىيەنىڭ تېھران باش ئەلچىسىنىڭ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران تاراتقۇلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران تەرىپىدىن ۋېنېسۇئېلاغا ئەۋەتىلگەن نېفىت ئاپتوموبىللىرىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن 4 ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن بىر چارلاش ئايروپىلانىنى كارىب دېڭىزىغا ئەۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت زاپاسلىرىغا ئىگە دۆلەتلەردىن ۋېنېسۇئېلانىڭ، ئېمبارگولار ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارالمايتىدۇ. ئىران بولسا ئۆزى ئىشلەپچىقىۋاتقان نېفىتىنى سېتىشتا قىينىلىۋاتىدۇ.

ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ، دۆلىتىنىڭ يېقىلغۇسىز قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئايدا ئىراندىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر