ئىراقتا دائېش ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 3 كىشى ئۆلدى

ئىراقنىڭ سالاھىدىن شەھىرىگە قاراشلىق ساماررا ناھىيەسىنىڭ ئەلجەلەم يېزىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1417938
ئىراقتا دائېش ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 3 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سالاھىدىن ۋىلايەتلىك مەجلىس بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مەھدى تاقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائېش تېررورچىلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا، ئەلجەلەم يېزىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. تېررورچىلار يېزا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇۋەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن، رايونغا ئەۋەتىلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھەربىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، كەركۈك پۇقراۋى مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى مەسئۇلى قەيس ئابدۇرراززاقنىڭ ئېيتىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى كەركۈكنىڭ دىبىس ناھىيەسىگە قاراشلىق قۇشقايا يېزىسى ئەتراپىدىكى دېھقانلارغا ئائىت تەخمىنەن 10 دۆنۈملۈك  ئېتىزلىقلارغا ئوت قويۇۋەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن، رايونغا كۆپ ساندا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر