ئافغانىستاندا تالىبان بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش جانغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىدە تالىبان ئەزالىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1417932
ئافغانىستاندا تالىبان بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇز ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ھىجرەتۇللاھ ئەكبەرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خان ئاباد ناھىيەسىدە تالىبان ئەزالىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 ساقچى بىلەن 5 تالىبان ئەزاسى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 ساقچى بىلەن 3 تالىبان ئەزاسى يارىلانغان.

تالىبان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر