ئىران ئارمىيەسى ئۆز پاراخوتىنى ئۆزلىرى پاچاقلىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

ئىران ئارمىيەسى باياناتچىسى شاھىن تاكىخانى باسرا قولتۇقىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرى جەريانىدا ئىراننىڭ كونارەك ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئىران دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن خاتا ھالدا پاچاقلانغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمى

1416352
ئىران ئارمىيەسى ئۆز پاراخوتىنى ئۆزلىرى پاچاقلىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئارمىيەسى باياناتچىسى شاھىن تاكىخانى ئىران ھەربىي تور بېتى «aja.ir» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بەرگەن باياناتىدا، كونارەك ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئىران دېڭىز ئارمىيەسى  قوغدىغۇچى ئەترىتى تەرىپىدىن خاتا ھالدا پاچاقلانغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ، «بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنىڭ ۋەقە بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىسى يوق. دۆلىتىمىزدىكى يەرلىك مەتبۇئاتلار بۇنداق تۇتۇرۇقسىز ئىشلارغا قىززىقماسلىقى كېرەك» دېدى.

تاكىخانى بۇ ۋەقەنىڭ پەقەت بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مانېۋىردىكى ھادىسىنىڭ ھەر جەھەتتىن تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىران تاراتقۇلىرى يەكشەنبە (يەنى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى) ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باسرا قولتۇقىدىكى مانېۋىردا، ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ئۇرۇش پاراخوتىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ۋە ئونلىغان كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىران ئارمىيەسىمۇ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ۋەقەنىڭ كونارەك ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ياردەمچى ئەترىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى، 19 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر