ب د ت يەمەندە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن يەمەندە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1416333
ب د ت يەمەندە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى يەمەن ئىشلىرى ئىشخانىسى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، يۇقۇم سەۋەبىدىن يەمەندە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ نۇرغۇن كىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتتا، يەمەن خەلقىنىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىۋاتقان ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.

يەمەن سەھىيە مىنىستىرلىقى، ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 10 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 65 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار، 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا (سەنئا) ۋە باشقا بىر قىسىم رايونلارنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتماقتا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

5 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن كۈچىيىۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىسى قورقۇنچلۇق دەرىجىگە يەتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ دۆلەتتىكى 22 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياردەم ۋە قوغداشقا موھتاج بولۇپ، پاكىز سۇغا ئېرىشەلمەسلىك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، دورا ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى چىللىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر