ئىران: ئاستانا مۇساپىسى دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە توغرىسىدا قارار ماقۇللىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر يالغان

ئىران، «ئاستانا مۇساپىسى دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە دۆلىتىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا قارار چىقارغانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

1414646
ئىران: ئاستانا مۇساپىسى دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە توغرىسىدا قارار ماقۇللىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر يالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ئىسنا)نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى، «ئاستانا مۇساپىسى دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە دۆلىتىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا قارار چىقارغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەقىقەتنى ئىپادىلىمەيدۇ» دېدى.

تېھران دائىرىلىرىنىڭ ھەر دائىم سۈرىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مۇسەۋى، «سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار قارارنى سۈرىيە خەلقىنىڭ چىقىرىدىغانلىقى»نى قەيت قىلدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن رۇس تاراتقۇلىرىدىمۇ «رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدە بەششار ئەسەدنى ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆكتىچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇۋەققەت ھۆكۈمەت قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ئاستانا مۇساپىسى، سۈرىيەدە ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تەرىپىدىن 2017 – يىلى تەشكىل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر