كونگودا چاقماق چۈشۈپ 20 ئادەم قازا قىلدى

كونگو جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى برېزاۋېلنىڭ ساھىل شەھىرى كىنتېلېغا چاقماق چۈشۈپ 20 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1413546
كونگودا چاقماق چۈشۈپ 20 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىنتېلې شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ستېللا نگۇئېسسو، يۇقىرى بېسىملىك توك سىمىغا چاقماق چۈشۈپ 20 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى، يارىدارلارنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاقماقنىڭ يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا چۈشۈشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان كۈچلۈك ئېلېكتېر دولقۇنىنىڭ ئۆي – ماكان ۋە كوچىلاردىكى سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

كونگو جۇمھۇرىيتىدە ھۆل – يېغىن پەسلىدە پات – پات چاقماق چۈشۈپ كۆپ ساندا ئادەم جېنىدىن ئايرىلىدۇ، ئۆي – ماكان ۋە خىزمەتلىرى ئورۇنلىرىغا ماددىي زىيانغا ئۇچرايدۇ.


خەتكۈچ: #چاقماق , #كونگو

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر