ۋۇخەندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن دەرس باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 265 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3 مىليون 822 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 1 مىليون 303 مىڭدىن ئاشتى.

1412604
ۋۇخەندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن دەرس باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا چىققان خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يۈزتۇرانە تەلىم – تەربىيەسىنىڭ قىسمەن باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خىتاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، كۆپلىگەن ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە تۇرمۇشنىڭ نورمال ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ھازىرغىچە يۇقۇم تۈپەيلى 4633 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 82885 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خىتايدا، 23 – ئاپرېلدىن بۇيان پەقەت بىرلا كىشىنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر