لىۋىيە ئارمىيەسى ئاتىييە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى

لىۋىيە ھاۋا ئارمىيەسى پايتەخت ترابلۇسنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ۋاتىييە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا 24 قېتىم ھاۋادىن زەربە بەردى.

1411806
لىۋىيە ئارمىيەسى ئاتىييە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيەسى رەسمىي باياناتچىسى پولكوۋنىك مۇھەممەد قۇنۇنۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن بۇيان ۋاتىييە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلىنغان 24 قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا گراد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى ئاپتوموبىل بىلەن ھەرخىل قوراللار ۋە ئوق – دورىلارنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

لىۋىيە ئارمىيەسى، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەرنىڭ ئىشغالىدىكى ۋاتىييە ھەربىي بازىسىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.

لىۋىيە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى غەزەب ھەربىي ھەرىكىتى باياناتچىسى مۇستافا ئەلمەجەئى تۈنۈگۈن كەچتە بايانات بېرىپ، بازىنىڭ ھەممە تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ، مەشغۇلات ئېلىپ بارالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ: #لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر