كابۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 5 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1412042
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ پايتەخت كابۇلنىڭ مەركىزى ۋە شېكەر دەرە ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، ھەرىكەت جەريانىدا دائېشنىڭ 5 ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 8 ئەزاسىنىڭ ساق – سالامەت قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەرىكەتتە يەنە نۇرغۇنلىغان قورال ۋە ئوق - دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى دوكلات قىلىندى.