«‹CNN International› تېلېۋىزىيە قانىلى» تۈركىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «‹CNN International› تېلېۋىزىيە قانىلى» پۈتكۈل دۇنيادىكى كۆرۈرمەنلىرىگە تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

1411945
«‹CNN International› تېلېۋىزىيە قانىلى» تۈركىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، «‹CNN International› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ 3 – ماي تۈركىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «‹CNN International› تېلېۋىزىيە قانىلى 3 – ماي كۈنى پۈتكۈل دۇنيادىكى كۆرۈرمەنلىرىگە تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرگەن ۋە كەلتۈرۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. جۈملىدىن، ئىستانبۇل سەھىيە خادىملىرىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى  تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك تەدبىرلىرىنىڭ ياتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر