ئىتالىيەدە يۇقۇملانغانلار سانى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەندى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 252 مىڭ 500 دىن، يۇقۇملانغانلار 3 مىليون 659 مىڭ 100 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 1 مىليون 203 مىڭ 400 دىن ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

1411355
ئىتالىيەدە يۇقۇملانغانلار سانى تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 195 كىشى ئېشىپ 29 مىڭ 79 غا چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 99 مىڭ 980 گە تۆۋەنلىدى ۋە بۇ 2020-يىلى 10-ئاپرېلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 100 مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشكەن بولدى.

ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 70 مىڭدىن ئاشتى، يۇقۇملانغانلار 1 مىليون 212 مىڭ 955 كە يەتتى.

ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 185 كىشى ئېشىپ 25 مىڭ 613 كە چىقتى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 306 كىشى ئېشىپ 25 مىڭ 201 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 199 كىشى ئېشىپ 203 مىڭ 253 كە چىقتى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەتتە 288 كىشى ئېشىپ 28 مىڭ 734 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار 3 مىڭ 985 كىشى ئېشىپ 190 مىڭ 584 كە چىقتى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى 47 گە چىقتى. بۇلاردىن 37 كىشىنىڭ جەسىتى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئىراق بىلەن ئافغانىستاندا ئۆتكۈزگەن جىنايەت ئىسپاتلىرىنى ئېلان قىلغان ۋىكىلېكس تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاسسانج (Julian Assange) نىڭ لوندوندا ئېچىلىۋاتقان ئامېرىكاغا قايتۇرۇش سوتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن سېنتەبىر ئېيىغا كېچىكتۈرۈلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 8 مىڭ 16 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بېلگىيەدە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 50 مىڭ 509 غا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 7 مىڭ 367 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بىرازىلىيەدە، پىرېزىدېنت بولسونارونىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى فېدېراتسىيە سوتچىسىنىڭ قارارىغا قارىماستىن ئېلان قىلىشنى رەت قىلىشى، دۆلەت ئىچىدە قىزىق مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

گېرمانىيەدە 6 مىڭ 993 كىشى، گوللاندىيەدە 5 مىڭ 82 كىشى، كانادادا 3 مىڭ 854 كىشى، شىۋېتسىيەدە 2 مىڭ 769 كىشى، مېكسىكادا 2 مىڭ 271 كىشى، شىۋېيتسارىيەدە 1 مىڭ 784 كىشى، ئېكۋادوردا 1 مىڭ 569 كىشى، پېرۇدا 1 مىڭ 344 كىشى، ئىرېلاندىيەدە 1 مىڭ 319 كىشى، پورتۇگالىيەدە 1 مىڭ 63 كىشى، رۇمېنىيەدە 818 كىشى، پولشادا 698 كىشى، ئاۋستىرالىيەدە 600 كىشى ۋە چىلىدا 270 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

يېڭى زېلاندىيەدە 20 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغان 1 مىڭ 486 كىشىدىن 1 مىڭ 302 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلاندى.

باش مىنىستىر جاسىندا ئاردېرن (Jacinda Ardern) يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئاۋستىرالىيەدىن باشقا دۆلەتلەرگە «خېلى ئۇزۇنغىچە» تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 97 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئاۋستىرالىيەدە، يۇقۇملانغان 5 مىڭ 859 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلاندى. ۋابا سەۋەبىدىن ئايروپىلان سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بۇ دۆلەتتە قاپسېلىپ قالغان تۈركىيە پۇقرالىرى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر