سومالىدا تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى يۆتكەۋاتقان بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

سومالىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 6 ئادەم قازا قىلدى.

1410868
سومالىدا تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى يۆتكەۋاتقان بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى قاتناش مىنىستىرى مۇھەممەد سالاد، پايتەخت مۇقدىشودىن باردالە رايونىغا ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئايروپىلاندا جەمئىي 6 ئادەمنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان سالاد، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن 5 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، نەق مەيدانغا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن مەھەللىي تاراتقۇلار، ئايروپىلاننىڭ ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن يېزا – بازارلارنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئەششەباب، پات – پاتلا خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر