ئامېرىكادا بىر ساقچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى بىناغا سوقۇلۇپ كەتتى

ئامېرىكادا بىر ساقچى تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ بىناغا سوقۇلۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن 1 كىشى ئۆلۈپ، 1 كىشى يارىدار بولدى.

1409720
ئامېرىكادا بىر ساقچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى بىناغا سوقۇلۇپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى باشلىقى ئارت ئاچېۋېدو تېكساس ئىشتاتىنىڭ ھوستون شەھىرىدە ئۇچقۇچى ۋە ئايروپىلان مۇلازىمەتچىسى ئولتۇرغان ساقچى تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ بىر تۇرالغۇ بىناغا سوقۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋەقەدىن كېيىن ھەر ئىككى ساقچىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئاچېۋېدو، ئۇچقۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە مۇلازىمەتچىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاچېۋېدو بىنادا تۇرۇشلۇق ھېچ كىشىنىڭ يارىدار بولمىغانلىقىنى ھەمدە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭمۇ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر