شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن سالامەتمۇ؟

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ زاۋۇتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى جەريانىدا تارتىلغان رەسىملىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «مەن ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈشتىن خۇشالمەن» دېدى.

1409679
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن سالامەتمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېساباتىدا بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندىن بۇيان شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرگە قاراتقان ھالدا، «مەن ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈشتىن خۇشالمەن» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پايتەخت پيوڭياڭدا كىم جوڭئۇننىڭ ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان سۈرەتلەرنىڭ بىر تۈرك تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەنگەنلىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن توغرىسىدا يېقىنقى ھەپتىلەردە سالامەتلىكىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكى ياكى قازا قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىنلىكى توغرىسىدا مىش-مىش پاراڭلار كۆپەيگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر