ئافغانىستاندا بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئافغانىستاننىڭ لاگمان ۋىلايىتىدىكى بىر تۈرمىنىڭ كىرىشىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1409314
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاگمان ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئەسەدۇللاھ دۆلەتزېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگمان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي تۈرمىسىنىڭ كىرىشىدە موتوسىكلېتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، 4 نەپەر تۈرمە خادىمى يارىلانغان.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.