ب د ت: تۈركىيە سۈرىيەگە ياردەم يۆتكەش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرىشىگە قارىماي سۈرىيەگە ياردەم يۆتكەش خىزمەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1408445
ب د ت: تۈركىيە سۈرىيەگە ياردەم يۆتكەش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ ئىنسانىي ئىشلارغا مەسئۇل باش كاتىپ ياردەمچىسى مارك لوۋكوك، سۈرىيەدىكى كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ھاكىمىيەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلاردا 43 كە يەتكەنلىكىنى، بۇلاردىن ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لوۋكوك، ئىدلىبتا ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، بەزى ئەۋرىشكىلەرنىڭ تۈركىيەدە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان ھاكىمىيەتنىڭ كونتروللۇقىنىڭ سىرتىدىكى جايلاردىن ئاخىرە ۋە ئەتارىبقا 135 ئادەمنىڭ قايتقانلىقىنى، بىراق ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن لوۋكوك، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قىسمەن پايدىسى بولغان بولسىمۇ، شىمالدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ب د ت نىڭ يۇقۇمنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا يامراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تازىلىق لازىمەتلىكلىرى ۋە يالغۇز كىشىلىك تۇرغۇزۇپ كۆزىتىش چېدىرلىرى بىلەن تەمنلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن لوۋكوك، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە ئۆزىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى كۈرىشىگە قارىماي، بۇ مۇساپىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر