ب د ت: ۋىرۇستىن كېيىن بۇرۇنقى تەرتىپ ئەسلىگە كەلمەيدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنىڭ بۇرۇنقىدەك بولمايدىغانلىقىنى، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېڭىچە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە بەرپا قىلىش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1406971
ب د ت: ۋىرۇستىن كېيىن بۇرۇنقى تەرتىپ ئەسلىگە كەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەزگىلىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوغداشقا ئالاقىدار يول خەرىتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باياناتىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ تارىختىن بۇيان ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىق ۋە ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ بولسا بولۇپمۇ نامرات ئەللەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

كىرىزىستىن كېيىن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياخشىلىنىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە خەلقئارالىق ياردەمگە ۋە سىياسىي ئەھدىلەرگە ئېھتىياج بارلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «جەمئىيەتلەر ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلار كونا نورمال  تەرتىپكە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ، تېخىمۇ مۇكەممەل، سىجىل ، جىنسىي باراۋەرلىك ۋە كاربون نېيترال يولىغا موھتاجتۇر. جۈملىدىن، ۋىرۇستىن كېيىنكى مەزگىلدە، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر يېڭىچە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە بەرپا قىلىش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.»

باياناتتا يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى: «يۇقۇم مەزگىلىدە ۋە يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلىرىمىز؛ ۋىرۇس، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە نۆۋەتتە  بىز دۇچ كېلىۋاتقان باشقا يەر شارى خاراكتېرلىك قىيىن ئۆتكەللەر ئالدىدا تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان، باراۋەرلىكنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، كەڭ دائىرىلىك ۋە سىجىل ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچلۈك  جەمئىيەتلەرنى بەرپا قىلىالايدىغان ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىش بولۇشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر