بىر قىسىم شەرق ئەللىرىدىكى يوقۇم ئەھۋالى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن  ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد -19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى  203 مىڭ 300 كىشىدىن ئاشتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىليون 922 مىڭغا يېقىنلاشتى. 837 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئەسلىگە كەلدى.

1405376
بىر قىسىم شەرق ئەللىرىدىكى يوقۇم ئەھۋالى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 419، مىسىردا 307، ماراكەشتە 159، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 136، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 71 كىشى قازا قىلدى.

ئالجىرىيەدە 3256، مىسىردا 9813، ماراكەشتە 3879، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 16،299، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 9813 كىشى كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملاندى.

بەھرەيىندە ۋىرۇس سەۋەبىدىن 8 كىشى قازا قىلىپ. 2576 كىشى يۇقۇملاندى. ئىيوردانىيەدە 7 كىشى قازا قىلپ، 444 كىشى يۇقۇملاندى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستىكى دۇكانلارنى ئىپتاردىن ئىلگىرى باشلىغانچە سوھۇرلۇق ۋاقتىغىچە تاقاش قارارى چىقاردى. دۇكانلارنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 18:00 دىن ئەتىگەن سائەت 03:00 گىچە تاقىمىغانلارغا 5000 يېڭى ئىسرائىلىيە شېكىلى (يەنى 9905 لىرا) جەرىمانە قويۇلىدىغان بولدى. شەرقىي قۇددۇستا 144 كىشى كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر