ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئافغانىستاندىكى بارلىق تەرەپلەرنى رامىزان ئيېى مۇناسىۋىتى بىلەن دەرھال ئۈزۈل – كېسىل ئۇرۇش توختىتىپ، زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

1404987
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) تەھدىتى ۋە رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئافغانىستاندىكى بارلىق تەرەپلەرنى دەرھال ئۈزۈل كېسىل ئۇرۇش توختىتىپ، زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

باياناتتا يەنە، ئافغانىستاندىكى بارلىق رەھبەرلەر ۋە تەرەپلەر (ھۆكۈمەت ۋە تالىبان) دىن دەرھال ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر