ئېكۋاتوردا بىر كۈندە يېڭىدىن 11536 كىشىدە يۇقۇم بايقالدى
دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 195 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 800 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 775 مىڭدىن ئاشتى.
1404870
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋاتوردا ھازىرغىچە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 576 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ بىر كۈندە يېڭىدىن 11536 كىشىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن جەمئىي 22719 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئالاقىدار مەسئۇللار، يۇقۇملانغۇچىلار سانىدىكى بۇ خىل ئېشىشنى تەكشۈرۈلگۈچىلەر سانىنىڭ كۆپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.