ئەنگلىيە ئىراننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئەنگلىيە، ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنولوگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئالەم بوشلۇقىغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

1404981
ئەنگلىيە ئىراننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، ب د ت نىڭ ئىراننى يادرو قورال ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان شەكىلدە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار توغرىسىدا ھەرقانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىققا چاقىرغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، تېھراننىڭ بۇنىڭغا رېئايە قىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، «خەلقئارادىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، ئىراننىڭ رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇپ، رايون بىخەتەرلىكىگە خەۋپ پەيدا قىلىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا دائىر كۈچلۈك شۇنداقلا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئەندىشىلىرىمىز بار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراننىڭ «ئوتتورا شەرق ۋە ياۋروپاغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىتئە ھالقىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى سۈنئىي ھەمراھ پائالىيەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىران بولسا، ياسالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئادەتتىكى بومبىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر