ئەنگلىيە تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ئەنگلىيە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە كېرەكلىك كېسەللىكتىن قوغدىغۇچى لازىمەتلىكلەرنى ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

1404994
ئەنگلىيە تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى ۋېندي مورتون تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى فارۇق قايماقچى بىلەن «ياخشى تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكى»نى بىلدۈردى.

ئىنگلىز ۋەزىر، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سەھىيە خادىملىرىغا نىسبەتەن ھايات – ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە قوغدىغۇچى لازىمەتلىكلەر ياردىمى ۋە ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتگە قايتىشىدا قىلىنغان ياردەملەر ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيەنىڭ سودا سىياسەتلىرىگە مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى گرېگ ھاندسمۇ تىۋىتتېر ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «رەھمەت ئېيتىمەن تۈركىيە. باش ئەلچى ئۈمىت يالچىن بىلەن تېلېفون ياخشى پاراڭلاشتىم. قوغدىغۇچى لازىمەتلىكلەرنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۈرك شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت» دېدى.

تۈركىيە، ئەنگلىيەگە ئىككى قېتىم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە ئىشلىتىدىغان تېببىي لازىمەتلىكلەرنى ياردەم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر