كانادادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانى 23 كە يەتتى

كانادانىڭ نوۋا سكوتىئا ئۆلكىسىدە ھەپتە ئاخىرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 23 كە يەتتى.

1403411
كانادادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانى 23 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خان سارىيى ئاتلىق ساقچىلار ئەترىتىنىڭ نوۋا سكوتىئا تارمىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، گابرىئېل ۋورتمان (51 ياش) ئىسىملىك ھۇجۇمچىنىڭ 18 – ئاپرېل شەنبە كۈنى كېچىسى باشلىنىپ 18 – ئاپرېل چۈشكىچە داۋاملاشقان ھۇجۇمىدا جەمئىي 23 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمچىنىڭ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ۋەقەنىڭ، پورتاپىكۇئې، ۋېنتۋورس، دېبېرت، شۇبېناكېيد، مىلفورد ۋە ئېنفىېلد شەھەرلىرى باشتا بولۇپ جەمئىي 16 پەرقلىق جايدا يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ۋە پاكىت توپلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن نوۋا سكوتىئادىكى ھۇجۇمنىڭ دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ھۇجۇم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #ھۇجۇم , #كانادا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر