ب د ت: 36 دۆلەتتە ئاچارچىلىق باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى دېيۋىد بىئاسلېي، ئەڭ ناچار سېنارىيەگە ئاساسلانغاندا، 36 دۆلەتتە ئاچارچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1403404
ب د ت: 36 دۆلەتتە ئاچارچىلىق باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى دېيۋىد بىئاسلېي، دۇنيانىڭ نۆۋەتتە پەقەت ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمىغىلا ئەمەس، «ئاچارچىلىق يۇقۇمى»غىمۇ دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەڭ ناچار سېنارىيەگە ئاساسلانغاندا، 36 دۆلەتتە ئاچارچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

دېيۋىد بىئاسلېي، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېلېۋىزىيە يىغىنىدا، ئۇرۇشلار ۋە قوراللىق توقۇنۇشلار پەيدا قىلغان ئاچارچىلىقنىڭ پۇقرالارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئۇ، كوۋىد – 19 يۇقۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، 2020 – يىلىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، «نۆۋەتتە پەقەت كوۋىد – 19 يۇقۇمىلا ئەمەس، ئاچارچىلىق ئاپىتىگىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېدى.

دېيۋىد بىئاسلېي، يەمەن، سۈرىيە ۋە جەنۇبىي سۇداندىكى ئۇرۇشلاردىن باشقا، شەرقىي ئافرىقادىكى چېكەتكە ئاپىتى، تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى پەيدا قىلغان ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىپ، «بۈگۈن كوۋىد – 19 يۈزىدىن پەقەت بىر دۇنياۋى يۇقۇملۇق كېسەللىككىلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنياۋى ئىنسانىي كىرىزىسقىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇرۇش رايونلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ كۈنسېرى ئاچارچىلىق گىردابىغا ئىتتىرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بىئاسلېي، «ھەر كۈنى كەچتە 821 مىليون ئادەم ئاچ ئۇخلاپ قالماقتا ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئاچلىقنىڭ ئازابىنى چەكمەكتە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر