ھاماس: نېتانىياھۇ بىلەن گانتىزنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا كېلىشكەنلىكى بىزنى قورقۇتالمايدۇ

ھاماس ھەرىكىتى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانىياھۇ بىلەن كۆك-ئاق ئىتتىپاقى پ رەھبىرى گانتىزنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا كېلىشكەنلىكىدىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1402439
ھاماس: نېتانىياھۇ بىلەن گانتىزنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا كېلىشكەنلىكى بىزنى قورقۇتالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس باياناتچىسى فەۋزى بەرھۇم يازما باياناتىدا، بىنيامىن نېتانياھۇ ۋە باننىي گانتىزنىڭ قۇرماقچى بولغان  بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى تالان – تاراج قىلىش،  زېمىنلىرىنى تارتىۋىلىش ۋە يەھۇدىي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشتەك رادىكال نىشانلىرىدىن قورقمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فەۋزى بەرھۇم ئىسرائىلىيەدە قۇرۇلغان يېڭى بىرلەشمەنىڭ بارلىق پەلەستىنلىكلەرنى «ئىشغالىيەتكە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش» ئاساسىدا مىللىي ئىستراتېگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ «خىيال سېتىش» تىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرى تۈنۈگۈن باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇ بىلەن پارلامېنت باشلىقى گانتىزنىڭ «جىددىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتى» قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

باش مىنىستىر نېتانياھۇ بىلەن كۆك-ئاق ئىتتىپاقنىڭ رەھبىرى باننىي گانتىز ئىلگىرىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت سۆھبىتى دائىرىسىدە، ئىيوردانىيە ۋادىسى ۋە غەربىي قىرغاقنى ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋېلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر