ۋىرۇسنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە سانلىق مەلۇمات:

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 160 مىڭدىن ئېشىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىليون 300 مىڭغا يەتتى. ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى بولسام  600 مىڭدىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

1400946
ۋىرۇسنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە سانلىق مەلۇمات:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇملۇق ئاپەتنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكانىڭ تېننېسسى ۋە تېكساس ئىشتاتلىرىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ جازالىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلدى. ئىجرا گۇۋاھچىلىرىنىڭ سىرتتىن ۋىرۇسنى تۈرمىگە يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، تېننېسسى ئۇشتاتىدا 1، تېكساس شىتاتىدا 5 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈرلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىتالىيەدىكى كوۋىد -19 سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى بىر كۈندە 482 كىشى ئېشىپ، 23 مىڭ 227 گە يەتتى.

ئىسپانىيەدە كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن 20 مىڭ 639 كىشى قازا قىلدى، باش مىنىستىر پېدرو سانچېز 14 - مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلغان جىددىي ھالەتنىڭ دائىرىسىنى تارلاشتۇردىغانكىقىنى بىراق مۇددىتىنى  9 - مايغىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 642 كىشى ئېشىپ، 19 مىڭ 323 گە يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 30 مىڭ 639 كىشى بولۇپ، بۇلاردىن  5833 كىشى ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە داۋالانماقتا.  ساقايغانلارنىڭ سانى بىر كۈندە 1563 كىشى ئېشىپ، 35 مىڭ 983 كە يەتتى.

ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:

ئەنگىلىيەدە 15 مىڭ 464، بېلگىيەدە 5 مىڭ 453 ۋە گېرمانىيەدە 4 مىڭ 538 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر