لىۋىيە ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى.

1400212
لىۋىيە ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئەيىن زارا رايونىدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى، ترابلۇسنىڭ جەنۇبىدا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كونتروللۇقىنى قايتىدىن قولىغا ئالغان جايلىرىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى كۈچلىرى، 13 – ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە «تىنچلىق بورىنى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسدە 3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق جايدىكى ھافتەر كۈچلىرىنى تازىلاپ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

پايتەخت ترابلۇستىن تۇنىس چېگراسىغىچە بولغان رايوندىكى سابراتە ۋە سۇرما قاتارلىق 7 بازار ۋە شەھەرنى ئىسيانچى گېنېرال ھافتەر كۈچلىرىدىن قايتۇرۇپ ئالغان لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى كۈچلىرى، دۆلەتنىڭ غەربىدىكى دېڭىز ساھىللىرىنىڭ كونتروللۇقىنىمۇ قولغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر