ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بىر قىسىم ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر سان - سېپىرلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 134677 دىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 84 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 515283 تىن ئاشتى.

1399299
ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بىر قىسىم ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر سان - سېپىرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا قازا قىلغانلار سانى 3242 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 46 ئادەم كۆپىيىپ، 82341 گە؛ ئىراندا قازا قىلغانلار سانى 4777 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 76389 غا؛ قىبرىستا قازا قىلغانلار سانى 12 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 715 كە؛ رۇسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 198 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 24490 غا؛ ئۇكرائىنادا قازا قىلغانلار سانى 108 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4161 گە؛ بىلورۇسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 36 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4161 گە؛ مولداۋىيەدە قازا قىلغانلار سانى 44 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2049 غا؛ قازاقىستاندا قازا قىلغانلار سانى 16 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 240 قا؛ ئىسرائىلىيەدە قازا قىلغانلار سانى 131 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 12500 گە يەتتى؛ ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستا ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەرنى كوۋىد – 19 تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىراقتا قازا قىلغانلار سانى 79 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1415 كە؛ لىۋىيەدە يۇقۇملانغۇچىلار سانى 35 كە؛ ئالجىرىيەدە قازا قىلغانلار سانى 336 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2160، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 708 گە؛ سۇداندا قازا قىلغانلار سانى 5 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 32 گە؛ نىگېرىيەدە قازا قىلغانلار سانى 11 گە، كوچىغا چىقماسلىق توغرىسىدىكى بۇيرۇققا بۇيسۇنماي ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار سانى 18 گە؛ مالىدا قازا قىلغانلار سانى 13 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 148 گە يەتتى.

پۈتكۈل ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 910 غا يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 17 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. مىسىردا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 183 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2505 كە؛ ماراكەشتە قازا قىلغانلار سانى 127 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2024 كە؛ تۇنىستا قازا قىلغانلار سانى 35 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 780 گە يەتتى؛ ئافرىقانىڭ جەنۇبىدىكى لېسوتو ۋە شەرقىدىكى كوموروس بىرلىكىدە ھازىرغىچە يۇقۇم بايقالمىدى. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ، چاد ، ئېكۋاتور گۋىنەيىسى ، سان تومې ، ئېرىترىيە ، ماداغاسقار ، رىۋاندا ، سېچېل ، جەنۇبىي سۇدان ، ئۇگاندا ، موزامبىك ، نامبىيە ، گۋىنىيە بىسساۋ ۋە سېررالېئون قاتارلىقلاردا قازا قىلغانلار يوق.

ھىندىستاندا قاتارلىق  423 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 12456 گە؛ پاكىستاندا قازا قىلغانلار سانى 124 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6550 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر