ئامېرىكادا بىر كۈندە 2 مىڭ 420 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 126 مىڭ 758 گە، يۇقۇملانغانلار 2 مىليون 243 كە، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 487 مىڭ 597 گە چىقتى.

1398468
ئامېرىكادا بىر كۈندە 2 مىڭ 420 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە 2 مىڭ 420 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 26 مىڭ 64 كە چىققان بولدى. 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 27 مىڭ 91 كىشى كۆپىيىپ 614 مىڭ 246 گە چىقتى.

ۋابانىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان نىيۇ يورك، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 10 مىڭ 58، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 200 مىڭغا يېقىنلىشىشى بىلەن ئەندىشەلەرنى تېخىمۇ  كۈچەيتمەكتە.

نىيۇ يورك شەھەرلىك ساقلىق ساقلاش مەركىزى ئېلان قىلغان باياناتتا، 3 مىڭ 700 دىن ئارتۇق تەكشۈرۈلمىگەن كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى، شۇڭا بۇ ساننىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىغا قوشۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 174 مىڭ 60 قا چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 602 كىشى كۆپەيدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 21 مىڭ 67 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 162 مىڭ 488 گە، ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 37 مىڭ 130 غا چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 562 كىشى كۆپەيدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 15 مىڭ 529 غا چىقتى. يۇقۇملانغانلار بولسا، 6 مىڭ 524 كىشى كۆپىيىپ، 143 مىڭ 303 كە چىقتى.

گېرمانىيەدە تۈنۈگۈن (2020-يىلى 14-ئاپرېل) سەككىز تۈركىيە پۇقراسى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇ دۆلەتتە 3 مىڭ 424 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 64 تۈرك بار. تەخمىنەن 132 مىڭ 210 كىشى يۇقۇملاندى.

لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان بىرازىلىيەدە، 1 مىڭ 532 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 25 مىڭ 684 كىشى يۇقۇملاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە رىيو دې ژانېرو (Rio de Janeiro ) ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ۋىلسون ۋىتزىل (Wilson Witzel) مۇ بار.

پېرۇ پىرېزىدېنتى مارتىن ۋىزكاررا (Martin  Vizcarra) ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 230 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر