ترامپ ۋىرۇس مەسىلىسىدە كېچىكىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈلگەنلىكىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە كېچىكىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈلگەنلىكىنى رەت قىلدى.

1397738
ترامپ ۋىرۇس مەسىلىسىدە كېچىكىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈلگەنلىكىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش كۈچى» تەرىپىدىن ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ۋىرۇس ئەڭ كۆپ تارقالغان نىيۇ يورك، نىيۇ  جېرسېي، لوئىسىنا ۋە مىچىگان ئىشتاتلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلار سانىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنى ئازايتتۇق، جۈملىدىن، بۇ ھەقتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. مەملىكىتىمىزدە تەكشۈرۈلگەنلەر سانى 3 مىليوندىن ئاشتى، كۈندىلىك تەكلشۈرۈش نسبىتى 150 مىڭ ئەتراپىدا. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمىز تەرىپىدىن تارقىتىلغان <ترامپ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشتا كېچىكتى> تەرىقىسىدىكى خەۋەرلەرنى قەتئىي رەت قىلىمەن. چۈنكى مېنىڭ  قىلغىنىم توغرا. دەرۋەقە، ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىققان ھامان 31 – يانۋار كۈنى خىتايدىن كەلگەنلەرگە قارىتا چېگرا ئېغىزلىرىمىزنى تاقىدۇق. جو بايدىن ۋە دېموكراتلار مېنى ھەمىشە ئىرىقچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. قانداق قىلسام بولاتتى؟ ئوتتۇرىغا ھېچقانداق بىر مەسىلە بولمىسىمۇ تارىخىدىكى ئەڭ قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي ساھەمىزنى تاقىۋەتسەم ياخشى بولاتتىمۇ؟»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو،  گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹ Bild › گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر شارى خاراكتېرلىك زىياننىڭ جاۋابكارى بولۇپ بولمايدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە،  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە دەل ۋقتىدا مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جاۋابكارلار ھېساب بېرىدىغان پەيتمۇ چوقۇم كېلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر