شەرق دۆلەتلىرىدىكى ۋىرۇسقا ئالاقىدار يېڭى سانلىق مەلۇماتلار:

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 110 مىڭ 827 گە يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 1مىليون 800 مىڭدىن ۋە ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 412 مىڭدىن ئاشتى.

1396803
شەرق دۆلەتلىرىدىكى ۋىرۇسقا ئالاقىدار يېڭى سانلىق مەلۇماتلار:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوۋىد -19 ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغان خىتاي چوڭ قۇرۇرلۇقىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 2 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلدى، 108 كىشى يېڭىدىن يۇقۇملاندى. شۇنىڭ بىلەن خىتايدا يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3 مىڭ 341 گە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 82 مىڭ 160 قا ۋە ساقايغانلارنىڭ سانى 77 مىڭ 663 كە يەتكەن بولدى.

ئالجىرىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى  18 كىشى ئېشىپ، 293 كە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 1914 كە ۋە ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 591 گە يەتتى.

ئىراقتا كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى  76 گە،  يۇقۇملانغۇچىلار سانى 34 كىشى ئېشىپ، 1352 گە يەتتى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 20 كىشى ئېشىپ،  288 گە كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىرىستىيانلارنىڭ ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇددۇسقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش بايرىمى بولغان پالما يەكشەنبە بايرىمى پائالىيىتى، كوۋىد -19 تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، غەربىي قىرغاقتا چېركاۋ سىرتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.

ئىسرائىلىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 103 كە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 10 مىڭ 878 گە يەتتى. 79 ياشلىق سابىق باش راھىپ ئېلىياھۇ باخشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقى 145 كىشىدە ۋىرۇس بايقىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 2665 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

قاتاردا 7 كىشى قازا قىلدى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 3 مىڭغا يېقىنلاشتى.

ئوماندا 599، بەھرەيندە 1087، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 4 مىڭ 123 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سۇداندا 2 ئادەم قازا قىلىپ، 19 ئادەم يۇقۇملاندى. ھۆكۈمەت سەھىيە خادىملىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاجىزلىقنى يوقۇتۇش ئۈچۈن جىددىي ھالەت قانۇنى چىقاردى.

تايلاندتا كوۋىد -19 دىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 40 كە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 579 غا يەتتى.

رىۋاندادا 126 كىشى يۇقۇملاندى. يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن پايدىلىنىپ، يىراق رايونلاردىكى خەلقلەرگە ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئۇقتۇرۇشلار يەتكۈزۈلىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر