ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئافغانىستاندا تالىبانلار تەرىپىدىن 30 پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جاۋىد فايسال تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدىلا 9 ۋىلايەتتە 30 پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1396402
ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئافغانىستاندا تالىبانلار تەرىپىدىن 30 پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇقرالارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تالىبان تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىلار سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان فايسال ئىككى پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

فايسال پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تالىباننىڭ باياناتىدا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

تالىبان ئەزالىرىنىڭ ھىچقاچان پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلمىغانلىقى، ئەكسىچە ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر