يۇقۇمنىڭ غەرب ئەللىرىگە يەتكۈزۈۋاتقان تالاپىتى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 100 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1 مىليون 700 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 350 مىڭدىن ئاشتى.

1395876
يۇقۇمنىڭ غەرب ئەللىرىگە يەتكۈزۈۋاتقان تالاپىتى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 18958گە، فىرانسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 13197 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 90676 گە؛ ئەنگلىيەدە قازا قىلغانلار سانى 8958 گە، دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلار سانى 19304 كە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 27 مىڭغا يېقىنلاشتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن 1878 ئادەم كۆپىيىپ جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 16686 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 33861 كىشى كۆپىيىپ 466229 غا يەتتى. دۆلەت مىقياسىدا يۇقۇم دىياگنوزى قويۇلغاندىن كېيىن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 26 مىڭدىن ئاشتى.

كانادادا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى يېڭىدىن 103 كىشى كۆپىيىپ 579 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2755 كىشى كۆپىيىپ 22046 گە يەتتى.

ئاۋسترالىيەدە قازا قىلغانلار سانى 55 كە يەتتى.

600 مىليون نوپۇسقا ئىگە لاتىن ئامېرىكاسىدا 2218 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋىرۇس، 54953 كىشىدە بايقالدى. 1057 ئادەم قازا قىلغان، 19638 ئادەم يۇقۇملانغان بىرازىلىيە «رايوندىكى يۇقۇمنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەت» بولدى.

رايون دۆلەتلىرىدىن ئېكۋاتوردا قازا قىلغانلار سانى 297، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 7161؛ چىلىدا قازا قىلغانلار سانى 65، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6501؛ پېرۇدا قازا قىلغانلار سانى 169، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 5897؛ كولومبىيەدە قازا قىلغانلار سانى 69، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2223؛ ئارگېنتىنادا قازا قىلغانلار سانى 81، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1894؛ ئۇرۇگۋايدا قازا قىلغانلار سانى 7، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 473؛ بولىۋىيەدە قازا قىلغانلار سانى 19، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 268؛ ۋېنېسۇئېلادا قازا قىلغانلار سانى 9، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 171؛ پاراگۋايدا قازا قىلغانلار سانى 6، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 129؛ مېكسىكادا قازا قىلغانلار سانى 194، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3441؛ پانامادا قازا قىلغانلار سانى 66، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2752؛ دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە قازا قىلغانلار سانى 126، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2620؛ كۇبادا قازا قىلغانلار سانى 15، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 564؛ كوستا رىكادا قازا قىلغانلار سانى 3، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 558؛ ھوندۇراستا قازا قىلغانلار سانى 23، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 382؛ گۇاتېمالادا قازا قىلغانلار سانى 3، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 126؛ ئەل سالۋادوردا قازا قىلغانلار سانى 6، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 117؛ ھايتىدا قازا قىلغانلار سانى 2، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 31؛ نىكاراگۇادا قازا قىلغانلار سانى 1، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 7.


خەتكۈچ: #يۇقۇم , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر