ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تالىبان ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى سامانگان ۋىلايىتىنىڭ دەرئى سۇف بالا ناھىيەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1393778
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سامانگان ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان ئەزالىرىنىڭ دەرئى سۇف بالا ناھىيەسىنىڭ پاس قول ۋە چارماگزاق يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 ى يارىلانغان. ھۇجۇمدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تالىبان ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 15 تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن، 22 سى يارىلانغان.
تالىبان بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.