خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى: 195 مىليون ئادەم ئىشسىز قالىدۇ

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) كىرىزىسىنىڭ 2020- يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە 195 مىليون كىشىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1393645
خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى: 195 مىليون ئادەم ئىشسىز قالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى باش دېرىكتورى گاي رايدېر جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «مەيلى تەرەققىي تاپقان، مەيلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بولسۇن، ئىشچىلار ۋە خىزمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر پاجىئەگە دۇچ كەلمەكتە. بىز چوقۇم تېز، كەسكىن ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. توغرا ۋە جىددىي تەدبىرلەر، پۇت تىرەپ تۇرۇش بىلەن يىمىرىلىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى شەكىللەندۈرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، يەرشار ئەمگەك كۈچىدىكى ھەر بەش ئادەمنىڭ تۆتتىن كۆپرەكى، (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن تولۇق ياكى قىسمەن تاقىلىپ قېلىش كۆرۈلگەن جايلاردا ياشايدىكەن.

رايدېر، بولۇپمۇ يۇقىرى - ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەر باشتا بولۇپ، ھەرخىل كىرىم كاتېگورىيەسىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

 كوۋىد - 19 كرىزىسىنىڭ 6- ئايغىچە بولغان جەرياندا دۇنيا مىقياسىدا خىزمەت سائەتلىرىنىڭ %6.7 نى بىكار قىلىپ تاشلىشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان رايدېر، بۇنىڭ 195 مىليون كىشىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە مۆلچەرلەنگەن 195 مىليون يەرشار خىزمەت يوقىتىشىنىڭ 125 مىليونىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدا كۆرۈلىدىغانلىق، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىشقا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ 18- مارتتىكى باياناتىدا، كوۋىد - 19ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن 25 مىليون كىشىنىڭ ئىشسىز قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر