ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ياتقۇزۇلدى

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىنىپ داۋالىنىۋاتقان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ياتقۇزۇلدى.

1392688
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ياتقۇزۇلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى 10 -  نومۇرلۇق ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى كۈنى كەچتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئەھۋالى ئېغىرلاشقانلىقى ئۈچۈن، جونسون پايتەخت لوندوندىكى «‹ St Thomas › دوختۇرخانىسى» نىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ياتقۇزۇلغان.

باش ۋەزىرنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائابنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزىنىڭ ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىپ ۋەزىپە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئۇنىڭ ياخشى كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان 55 ياشلىق جونسون، قىزىتما ۋە يۆتەل سەۋەبىدىن 27 – مارتتىن بۇيان ئۆزىنى كارانتىن قىلىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر