دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى قورقۇنچلۇق سەۋىيەگە يەتتى

دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 75 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى بىر مىليون 349 مىڭدىن، ساقايغانلار سانى 285 مىڭدىن ئاشتى.

1392750
دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى قورقۇنچلۇق سەۋىيەگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇملانغان ۋە 88 دوختۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 636  كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 16 مىڭ 523 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 133 مىڭغا يەتتى.

فىرانسىيەدە بولسا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 8 مىڭ 911 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 98 مىڭ 10 غا يەتتى، 17 مىڭ 250 كىشى ساقايدى.

ئەنگلىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 5 مىڭ 373 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 51 مىڭ 608 گە يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 187 كىشى قازا قىلغان دانىيەدە بولسا، كۈندىلىك ھايات ئاستا – ئاستا نورماللىشىشقا باشلىدى. دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە 11 – مارتتىن بۇيان تاقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بالىلار يېسلىلىرىنىڭ 15 – ئاپرېلدىن باشلاپ ئېچىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 59 كىشى ئۆلگەن، 5 مىڭ 755 كىشى يۇقۇملانغان نورۋېگىيەدە، سەھىيە مىنىستىرى بېنت ھۆئې، دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، يۇقۇملانغانلار سانى 347 مىڭغا يەتتى.

پىرېزىدېنت ترامپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە مۇنداق دېدى: «دۈشمەن بىلەن ھەممە تەرەپتە ئېلىشىۋاتىمىز، 3 مىڭ سەھىيە خادىمىمىز <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نىڭ مەركىزىگە ئايلانغان نىيۇ يوركقا ئەۋەتىلدى،مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنس بىلەن بىرلىكتە پات – پات دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر