چاد: بوكو ھارام تەۋەلىكىمىزدىن پۈتۈنلەي تازىلاندى

چاد ھۆكۈمىتى، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بوكو ھارامنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ تازىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1392949
چاد: بوكو ھارام تەۋەلىكىمىزدىن پۈتۈنلەي تازىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاد ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئۆمەر يەھيا ھۇسەيىن، ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان «بۇما غەزىپى» زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدا چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، «چاد زېمىنلىرىدا بىرمۇ بوكو ھارام ئۇنسۇرى قالمىدى» دېدى ۋە ھەربىي ھەرىكەتكە ئالاقىدار تەپسىلىي ئۇچۇرلارنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى

پىرېزىدېنت ئىدرىس دېبىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، ئارمىيەنىڭ چاد كۆلىنىڭ چادقا تەۋە قىسمىدىكى بارلىق جايلاردا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بوكو ھارام تېررورچىلىرىنى تازىلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئارمىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا نىگېر ۋە نىگېرىيە چېگرالىرى ئىچىدە ئىز قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بوكو ھارام 23 – مارتتا چاد كۆلى ئۆلكىسىدىكى بوھوما شەھىرىدە چاد ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، 98 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر