ئىراقتا ئامېرىكا نېفىت شىركىتىگە تەۋە نېفىت قۇدۇقىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

ئىراقنىڭ جەنۇبىدا، ئامېرىكا نېفىت شىركىتى پائالىيەت قىلىۋاتقان نېفىت قۇدۇقىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1392155
ئىراقتا ئامېرىكا نېفىت شىركىتىگە تەۋە نېفىت قۇدۇقىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بىخەتەرلىك ئاخبارات تورى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، باسرا ۋىلايىتىنىڭ ئەل بۇرجىسىيە رايونىدىكى ئامېرىكاغا تەۋە ھاللىبۇرتون نېفىت شىركىتى پائالىيەت قىلىۋاتقان نېفىت قۇدۇقىغا 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغان رايوندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە، تېخى ئېتىلمىغان 11 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بايقىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر