ھۇسىيلار تۈرمىگە ھۇجۇم قىلدى
يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ بىر تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 5 ئايال ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1392158
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى تائىز ۋىلايەتلىك ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە نوپۇس ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇررېھىم ئەسسامىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار شەھەردىكى مەركىزىي تۈرمىگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان، ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 5 ئايال ھاياتىدىن ئايرىلغان، 28 ى يارىلانغان.
ھۇسىيلار بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.
ئىگىلىنىشىچە، يەمەندە ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار، 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى كونترول قىلسا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى، 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللىماقتا ئىكەن.