پۇتىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ زور مىقداردا قىسقارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، «يەر شارى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئۆزئارا ھەمكارلىق دائىرىسىدە كۈنىگە 10 مىليون ۋارىل ئازايتىش كېرەك» دېدى.

1391138
پۇتىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ زور مىقداردا قىسقارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن پايتەخت موسكۋادا، كرېمىل سارىيى، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى، شۇنداقلا رۇسىيە نېفىت شىركەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە يىغىنىغا قاتناشتى.

پۇتىن يەر شارى نېفىت بازىرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «كورونا ۋىرۇسى پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىغا دېگۈدەك تەسىر قىلدى، نېفىت ئېھتىياجى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىدى. بۇ ھەم تېخنولوگىيەلىك ھەم ئېكولوگىيىلىك خەتەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئۇ، نېفىت ئېھتىياجى تۆۋەنلىگەنلىكى ئۈچۈن يەر شارى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئازايتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «يەر شارى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئۆزئارا ھەمكارلىق دائىرىسىدە كۈنىگە 10 مىليون ۋارىل ئازايتىش كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر