ئامېرىكادا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىداخو ئىشىتاتىدا 6.5 بال يەر تەۋرىدى.

1389154
ئامېرىكادا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش ئىشتاتنىڭ مەركىزى بوئىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا 10 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش نېۋادا ۋە مونتانا قاتارلىق ئىداخوغا قوشنا 6 ئىشتاتتىمۇ ھېس قىلىنغان.

دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى 30 سېكۇنت ئەتراپىدا داۋاملاشقان يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى ۋە ماددىي زىيان كېلىپ چىقمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر