ستولتېنبېرگ تۈركىيەنى ھەمكارلىق ئۈلگىسى قىلىپ كۆرسەتتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەگە تېببىي ئەشيالارنى ئەۋەتىشىگە ناتو ھەمكارلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى، دەپ باھا بەردى.

1389072
ستولتېنبېرگ تۈركىيەنى ھەمكارلىق ئۈلگىسى قىلىپ كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش دائىرىسدە ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەگە تېببىي ياردەم ئەشيالىرىنى ئېلىپ ماڭغان تۈركىيە ئارمىيەسى ئايروپىلانىنىڭ فوتو – سۈرىتىنى تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئورتاقلاشقان ستولتېنبېرگ، «ناتو ھەمكارلىقى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەن، ناتو ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىر – بىرىنى ئاپەت ياردىمى ئارقىلىق قوللىغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن، بىز بىرلىكتە تېخىمۇ كۈچلۈكمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۆز قارمىقىدىكى زاۋۇت ۋە تىككۈچىلىك ئورۇنلىرىدا يەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر خىل ماسكا، تېببىي كىيىم - كېچەك ۋە باكتېرىيەگە قارشى سۇيۇقلۇقتىن تەركىب تاپقان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ، كوۋىد - 19 غا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە، تۈركىيە ئارمىيەسى ئايروپىلانى بىلەن ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر