ب د ت: دۇنيا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، دۇنيانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1388817
ب د ت: دۇنيا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېس ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي تەسىرلىرى ھەققىدىكى بىر دوكلاتنى ئېلان قىلدى.

يۇقۇمنىڭ پۈتۈن دۇنياغا خەۋپ يارىتىۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان ئىقتىسادىي كىرىزىس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىز دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر كىرىزىس» دېدى.

گۇتېررېس، بۇ كىرىزىسنى «سىياسىي ئويۇن» لارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھەمكارلىق ئورناتقاندىلا يەڭگىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ب د ت ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك ​​دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي زەربىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن، كۆپ شېرىكلىك يېڭى بىر فوندى تەسىس قىلىدۇ» دېدى.

باش كاتىپ گۇتېررېس، يۇقۇمنىڭ، بولۇپمۇ ئافرىقا قىتئەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقاغا قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەدەم تاشلاشقا چاقىردى.

گۇتېررېس ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى، يۇقۇم سەۋەبىدىن 5 مىليوندىن 25 مىليونغىچە ئادەمنىڭ ئىشسىز قېلىش ۋە 860 مىلياردتىن 3 تىرىليون 400 مىليارد دوللارغىچە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلۈشىنى مۆلچەرلىگەن.

دوكلاتتا يەنە، دۇنيادىكى يېزا نوپۇسىنىڭ %50، شەھەر نوپۇسىنىڭ %20 ىنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ يوقلۇقىغا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %2 ىنى ساغلاملىققا ئاجراتقانلىقىغا، يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 4.7 ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

دوكلاتتا يەنە، مائارىپ ساھەسىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 166 دۆلەتتە مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقى ، 1 مىليارد 520 مىليون ئوقۇغۇچى بىلەن 60 مىليون 200 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى توختاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر