شىمالىي كورېيە كۆنگەن خۇيىنى يەنە قىلدى

شىمالىي كورېيە پۈتكۈل دۇنيا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) نى يىڭىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.

1387531
شىمالىي كورېيە كۆنگەن خۇيىنى يەنە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (29-مارت) شىمالىي كورېيەنىڭ ياپون دېڭىزىدا سىناق قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ «قىسقا مۇساپىلىق» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنى نەقىل كۆرسەتكەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن شىمالىي كورېيەنىڭ ۋونسان شەھىرىدىن قويۇپ بەرگەن ئىككى دانە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا 410 كىلومېتىر مۇساپىنى باسقاندىن كېيىن دېڭىزغا چۈشكەن.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى كىم جونراك شىمالىي كورېيەنىڭ بۈگۈن (30-مارت) تارقاتقان فوتوگرافلارنىڭ، سىناقنىڭ 2019-يىلى سىناق قىلىنغان راكېتالار سىستېمىسىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە بۇ قېتىمقى سىناقنى «دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ» كۆپ راكېتالار سىنىقى دەپ ئاتىدى.

جەنۇبىي كورېيە پۈتكۈل دۇنيا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  نىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تولىمۇ قاملاشمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيەگە بۇنداق ھەرىكەتلەرنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر