خىتايدا  بىر يولۇچى پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشى يارىدار بولدى

خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە بىر يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، 20 كىشى يارىدار بولدى.

1387648
خىتايدا  بىر يولۇچى پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشى يارىدار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى خىتاينىڭ چېنجۇ شەھىرىدىكى يوڭشىڭ رايونىدا جىنەندىن گۇاڭجۇغا ماڭغان بىر يولۇچى پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ باياناتىدا، 20 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ئۇلاردىن 3 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

دەسلەپكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن تاغ غۇلاپ چۈشۈشلەر بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.

يولۇچى پويىزى مېخانىكى تاغ غۇلاپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال تورمۇزغا باسقان. بىراق پويىزنىڭ 5 ۋاگونى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن ۋە پويىزنىڭ بىر قىسمىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر